تۈركىيە: ئىراق ھۆكۈمىتى بارلىق قاتلاملارنى باغرىغا بېسىشى كېرەك

تۈركىيە، ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇمنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش ۋەزىپىسىنى ھەيدەر ئەلئابادىغا بېرىشىگە مۇھىم ۋە ئىجابىي بىر ئەھۋال، دەپ باھا بەردى.

89526

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ، ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن بىخەتەرلىك كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى سىياسىي مۇساپىنىڭ ئاقسىتىپ قويۇلماستىن ئالغا ئىلگىرىلىتىلىشىگە باغلىق، دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا، «يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىل قىلىنىش باسقۇچىغا كېلىشىگە ‹توغرا يولدا تاشلانغان قەدەملەر› سۈپىتىدە يۇقىرى باھا بەرمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. باياناتتا يەنە «ھۆكۈمەتنىڭ توپلۇقنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى باغرىغا باسىدىغان بىر چۈشەنچە ئاساسىدا تەشكىل قىلىنىشى، ئىراق باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشىدۇ» دېيىلدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر