جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن كېڭەش باسقۇچى باشلاندى
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدە كېڭەش باسقۇچى باشلاندى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدە كېڭەش باسقۇچى باشلاندى.
تۇنجى قېتىملىق يىغىن، تۈنۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزى قارار چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىدە چاقىرىلغان يىغىن تەخمىنەن 4 يېرىم سائەت داۋاملاشتى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان يىغىندا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرىنى سايلاپ چىقىش باسقۇچى قاراپ چىقىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەردوغان، بۇ ھەپتە ئىچىدە پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەت مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كېڭەش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىچىدىكى جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كېڭەش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇرۇلتايدا نامزات كۆرسىتىلىدىغان شەخس بەلگىلەپ چىقىلىدىكەن.