جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

سادى گۈۋەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى

86873
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي سايلام كومىتېتى باشلىقى سادى گۈۋەن، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.
سادى گۈۋەن غەيرى رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12- جۇمھۇر رەئىسى بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. گۈۋەن يەنە سايلامنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا تەييارلىق قىلماسلىقنى قارار قىلغانلىقلىرىنىمۇ بىلدۈردى.
سادى گۈۋەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ ۋاقىتلىق نەتىجىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر