«ئىسلام مىللەتلىرى ھەمكارلىقى» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئانادولۇ ياشلىرى مۇنبىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى ۋە كادىرلار بىرلەشمىسىگە قاراشلىق ئۇيۇشما ئەزالىرى، ئەنقەرە گۈۋەنپاركتىن ئىسرائىلىيە باشكونسۇلخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، «ئىسلام مىللەتلىرى ھەمكارلىقى» نامايىشى ئۆتكۈزدى

83516
«ئىسلام مىللەتلىرى ھەمكارلىقى» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ياشلىرى مۇنبىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى ۋە كادىرلار بىرلەشمىسىگە قاراشلىق ئۇيۇشما ئەزالىرى، ئەنقەرە گۈۋەنپاركتىن ئىسرائىلىيە باشكونسۇلخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، «ئىسلام مىللەتلىرى ھەمكارلىقى» نامايىشى ئۆتكۈزدى.
پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن گۇرۇپپا 13 ماددىلىق ئاخبارات باياننامىسى ئېلان قىلدى.
باياننامىدە، «يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختىتىشنىڭ بىردىن – بىر يولى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر