ئەردوغان ئاكتىپ جۇمھۇر رەئىس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سايلامدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، ئاكتىپ جۇمھۇر رەئىس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

80397
ئەردوغان ئاكتىپ جۇمھۇر رەئىس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سايلامدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە، ئاكتىپ جۇمھۇر رەئىس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، سايلامدا غەلىبە قىلغان تەقدىردە قانداق جۇمھۇر رەئىس بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئەسكەرتىش بەردى.
جۇمھۇر رەئىسنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، دۆلەت رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن زۆرۈر تېپىلغاندا مىنىستىرلار كېڭىشىگىمۇ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بان كىمونغا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى تۈپەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىشى لازىملىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيەنىڭ، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى ۋە تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق غەززەگە يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا ماتېرىياللىرى ياردەم قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى رەھىمسىزلەرچە تېررورلۇق قىلمىشى تۈپەيلى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە ناھايىتى زور قىيىنچىلىق تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ 2023 - يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرى توغرىلىقمۇ مەلۇمات بەرگەن ئەردوغان، تۈركىيەنى زامانىۋى مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىدىن ھالقىتىش مەسىلىسىدە 2023 - يىلىغا بارغاندا تۈركىيەنى ئەڭ قۇدرەتلىك 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر