تۈركىيە ئەزەلدىن يەھۇدىي دۈشمىنى ئەمەس

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېچقانداق بىر قانۇن ۋە خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلمايۋاتقان ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىۋاتقان تۈركىيەنى «يەھۇدىي دۈشمىنى دۆلەت» قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «مىللىتىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدا يەھۇدىي دۈشمەنلىكى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ھازىرمۇ شۇنداق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەم شۇنداق بولىدۇ» دېدى

71180
تۈركىيە ئەزەلدىن يەھۇدىي دۈشمىنى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېچقانداق بىر قانۇن ۋە خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلمايۋاتقان ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىۋاتقان تۈركىيەنى «يەھۇدىي دۈشمىنى دۆلەت» قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «مىللىتىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدا يەھۇدىي دۈشمەنلىكى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ھازىرمۇ شۇنداق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەم شۇنداق بولىدۇ» دېدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، ئىستانبۇلدا بارلىق سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، ئىپتار زىياپىتىدە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى چىقىۋاتقان تۈركىيەنى تىز پۈكتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
باش مىنىستىر ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۆۋەتتە بىزنى يەھۇدىي دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا، يەھۇدىي دۈشمىنى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بىزنى تىز پۈكتۈرۈش مەقسىتىدە بىزگە شۇنداق بوھتان چاپلىشىۋاتىدۇ، مەن، يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنىڭ ئىنسانىي جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان دۇنيادىكى تۇنجى مۇسۇلمان باش مىنىستىر بولىمەنغۇ دەيمەن.»
باش مىنىستىر ئەردوغان نۇتىقىدا، ئىسرائىلىيە تېررورىغا قارشى چىقمىغان مىسىر ھۆكۈمىتىنىمۇ تەنقىد قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، مىسىرنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېلىپ، غەززەلىكلەرنى تىببىي ماتېرىللاردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى تىز پۈكتۈرەلمىگەندىن كېيىن مىسىرنى تىز پۈكتۈرۈشتى.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر