ئەردوغان: ئىسلام دۇنياسى زالىملارغا قارشى بىرلىشىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئادانا ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ ئىپتار پىروگراممىسىدا ئادانالىقلار بىلەن ئۇچراشتى.

69000

باش مىنىستىر ئەردوغان ئىپتاردىن كېيىن سۆز قىلىپ، بىز ياشاۋاتقان بۇ جۇغراپىيەنىڭ رامىزان ئېيىنىمۇ قان، ئوت ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا قارشى ئىسلام دۇنياسىنى بىرلىك ئورنىتىشقا چاقىرىق قىلغان ئەردوغان، «بىز قىلىدىغان بىرلا ئىش بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ زالىملارغا قارشى قولمۇ قول تۇتۇشۇپ كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىشى، ئورتاق پوزىتسىيەسى بىلدۈرۈشىدۇر» دېدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان ئىپتار ئەسناسىدا «ئەردوغان پىداكارلىرى مۇنبىرى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى؛ ئەردوغان 20 نەپەر پىداكار بىلەن خېلى ئۇزۇن سۆھبەتلەشتى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر