گۈل: ئىسلام ئەللىرى ئاقىلانىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل مالاتيادا سۇرىيەلىك مۇساپىرلار بىلەن ئىپتار داستىخىنىدا ئۇچراشتى.

67793
گۈل: ئىسلام ئەللىرى ئاقىلانىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل مالاتيادا سۇرىيەلىك مۇساپىرلار بىلەن ئىپتار داستىخىنىدا ئۇچراشتى.
ئىپتاردىن ئىلگىرى سۇرىيەلىك مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان بەيداغى لاگېرىدا مالاتيا ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى باشلىقى فۇئات ئوكتاي لاگېردا تۇرۇۋاتقان 7 مىڭغا يېقىن سۇرىيەلىك مۇساپىر ھەققىدە دوكلات بەردى. گۇل، كونتېينىر شەھەردىكى توقۇمۇچىلىق زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئېكسكۇرسىيەدىن كېيىن ئۇ يەردە بېرىلگەن ئىپتارغا ئىشتىراك قىلغان گۈل، «ئەپسۇسكى، بۇ مۇبارەك رامىزاندا قەلبىمىز قان يىغلىماقتا» دېدى. گۈل، ئىسلام دۇنياسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ساغلام ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. «سىلەر دۇچ كەلگەن بۇ ئازابلار بىزنىمۇ چوڭقۇر قايغۇغا سالماقتا ۋە شۇنىڭغا ئىشنىڭلاركى، سىلەرنىڭ ئازابلىرىڭلارنى پۈتۈن تۈرك مىللىتى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا» جۇمھۇر رەئىس گۈل، بىر كۈنى ساغلام ئەقىلنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتىدىغانلىقىغا ۋە تارتىلىۋاتقان ئازابلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
گۈل، سۇرىيەدە خاتىرجەملىكنىڭ قايتىدىن تەسىس قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن سىياسىي، دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە پۈتۈن ئارزۇلىرىنىڭ سۇرىيەلىكلەرنىڭ بىر كۈنى خاتىرجەم ھالدا ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر