111 ئۇنىۋېرسىتېت 11 تىلدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيەدىكى 111 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى 11 تىلدا غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

68147
111 ئۇنىۋېرسىتېت 11 تىلدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيەدىكى 111 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى 11 تىلدا غەززە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا زىت ھۇجۇملىرى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەندى، غەززەدە ناھايىتى ئېغىر ئىنسانلىق تىراگېدىيەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە، بۇ قەتلىئامغا قارشى پۈتۈن دۇنيانىڭ كور ۋە گاس مىسالى قاراپ تۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى. خەلقئارادىكى كۈچلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى روشەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، نەتىجە ئېلىش مەركەزلىك بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. باياناتتا، «قەتلىئامنى ئەيىبلىمىگەن ئىسرائىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرگە خاتىمە بېرىمىز» دېيىلدى.
بايانات، تۈركچە، كوردچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، پارسچە، نېمىسچە، ئىسپانچە، رۇسچە، ئەرمەنىچە، فىرانسۇزچە ۋە ئىتالىيەچە بولۇپ جەمئىي 11 تىلدا ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر