ئەردوغان ھاتاي يىغىلىشىدا ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ: «گىتلېرنىڭ ئاتا – بوۋاڭلارغا قىلغىنىنى پەلەستىنگە قىلىۋاتىسلەر» دېدى.

65886
ئەردوغان ھاتاي يىغىلىشىدا ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلام پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ھاتايدا خەلققە خىتاب قىلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسىرائىلىيەگە بولغان نارازىلىقى داۋام قىلماقتا.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ: «گىتلېرنىڭ ئاتا – بوۋاڭلارغا قىلغىنىنى پەلەستىنگە قىلىۋاتىسلەر» دېدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا داۋاملىق ئىگە چىقىدىغانلىقىنى تەكرارلاپ، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى تەنقىد قىلدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى بۇ قېتىم ھاتاي يىغىلىشىدا تەنقىد قىلدى. ئۇ: «پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ ئۆلۈشىگە نارازىلىق يوق، غەززەگە نارازىلىق يوق. ئىسىرائىليەنىڭ قىلغىنى بىلەن گىتلېرنىڭ قىلغىنىنىڭ قانداق پەرقى بار. ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى، گىتلېرنىڭ سىلەرنىڭ ئاتا – بوۋاڭلارغا قىلغىنىنى پەلەستىنگە قىلىۋاتىسلەر. ئۇ قانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغان بولسا، سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارمۇ ئەنە شۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دېدى.
ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان دۆلەتلەرنىمۇ تەنقىد قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۆلەتلەر ئاۋاز چىقارمىسا، خەلقلەرمۇ ئاۋاز چىقارمايدۇ. لوندون بىلەن پارىژدا رۇخسەت بېرىلمىگەن ئەھۋالدا خەلق قوزغالدى. نىيۇ يوركتىمۇ ئوخشاش، تۈركىيەدىمۇ ھەر كۈنى نامايىش بولۇۋاتىدۇ. ئىستانبۇل يىغىلىشى بۇنىڭ ھەل قىلغۇچى بولىدۇ» دېدى.
ئۇ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە بولغان مەيدانىنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن دەۋاسىغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر