غەززە ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مەمۇرلار فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى غەززە ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نامايىش قىلدى.

63040
غەززە ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مەمۇر – سەن» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى تەشكىلاتى (İHH) نىڭ تەشكىللىگەن ئىككى ئايرىم نامايىشتا، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى زۇلۇمى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەمۇرلار فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى «مەمۇر - سەن» ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى «ئى ھا ھا»، ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانىدا نارازىلىق بىلدۈردى.
«مەمۇر – سەن» ۋە «ئى ھا ھا» نىڭ غەززەدىكى قەتلىئاملارنى توختىتىش چاقىرىقىغا 10 مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى. مەسىلىگە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تاكسىم تونېلىغا قاراپ سەل بولۇپ ئاقتى.
كىشىلەر، «قاتىل ئىسىرائىلىيە ھېساب بېرىدۇ»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلاپ، گالاتاساراي ئوتتۇرا مەكتىپىگە قاراپ يۈرۈدى. «مەمۇر – سەن» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەھمەت گۈندوغدۇ: «قاتىل ئىسىرائىلىيە قەتلىئاملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە دۇئا قىلىش ۋە نامايىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. ئۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ غەززەدىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەر ۋە تىراگېدىيەلەرگە قارشى جىمجىتلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىشىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
«مەمۇر – سەن» نىڭ يەنە بىر نارازىلىقى بولسا، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش سىياسىتى ئىدى.
ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى ۋە توپلىشىپ ئىپتار قىلىشنى چەكلەش سىياسىتى قاتتىق نارازىلىقلارنى پەيدا قىلدى.
«مەمۇر – سەن» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىپتار قىلدى، ھەر خىل بېسىم ۋە روزا تۇتۇشنى چەكلەشكە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن پەقەت سۇ ۋە سىمىت بىلەن ئېغىز ئېچىلدى.
ئىپتاردىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان «مەمۇر – سەن» ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھاجى بايرامتونبۇل، خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان خەلقىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئار توۋلاپ، مۇسۇلمانلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە مىڭبىر جاپا – مۇشەققەت ئىچىدە قېچىپ بېرىپ، پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ھاجى بايرامتونبۇل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يۈز بېرىۋاتقانلارغا جىمجىت قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر