گۈل ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قىبرىسقا قارىتىدۇ

ئابدۇللاھ گۈل، 28- ئاۋغۇستتا ئاخىرلىشىدىغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى رەسمىي زىيارىتىنى يەنە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىدۇ.

132470
گۈل ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قىبرىسقا قارىتىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى سۈپىتىدە تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان ئابدۇللاھ گۈل، 28- ئاۋغۇستتا ئاخىرلىشىدىغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى رەسمىي زىيارىتىنى يەنە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس گۈل شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى دەرۋىش ئەرئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 19- ئىيۇلدىن باشلاپ قىبرىستا ئىككى كۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. گۈل، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىققا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان 20- ئىيۇل تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 40- يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى سۈپىتىدە 2007- يىلى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر