بارزانى ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى

ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانى، تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى

129846
 بارزانى ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانى، تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلىنغان بارزانى، كېيىنچە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.
باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇچرىشىشتا، ئىراقتا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن قايتىدىن بىر سىياسىي دىئالوگقا ئېھتىياج بارلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ دائىرىدە، ئىراقتا ئومۇمىي سايلاملار تاماملانغاندىن كېيىن، كۈتۈلۈۋاتقان ئىسلاھات پىلانىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن سىياسىي باسقۇچنىڭ تېزلىك بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىنغان.
ئۇچرىشىشتا، كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تۈركىيەنىڭ «جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى» نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەردىن سىرت يەنە، تۈركىيە بىلەن ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇمۇ مەسئۇد بارزانى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان. ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىراقتىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تەشكىل قىلغان.
داۋۇتئوغلۇ بىلەن بارزانىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىراقتىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش پائالىيەتلىرى، رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر