ئەردوغان: بىز پەلەستىن مەسىلىسىدە قەتئىي بىتەرەپ ئەمەسمىز

باش مىنىستىر ئەردوغان، ئېمبارگو بىكار قىلىنماي تۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

127370
ئەردوغان: بىز پەلەستىن مەسىلىسىدە قەتئىي بىتەرەپ ئەمەسمىز

ئېمبارگو بىكار قىلىنماي تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى مۇمكىن ئەمەس.
باش مىنىستىر ۋە جۇمھۇر رەئىس نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئانتاليادا ئۆتكۈزگەن يىغىلىشىدىن كېيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتارلىق پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ئەردوغان ئىپتاردىن كېيىن سۆز قىلىپ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا ئەپسۇسكى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى، يېقىنقى كۈنلەردە بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە 400 توننىغا يېقىن بومبا تاشلىغانلىقىنى، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يېتىم بولۇپ قالغان پەلەستىنلىك بالىلار ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئېمبارگوسىنى بىكار قىلماي تۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش مۇساپىسىگە قەدەم بېسىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان، « بىز پەلەستىن داۋاسىدا ھەرگىزمۇ بىتەرەپ ئەمەسمىز. بۈيۈك بىر مىللەت، بۈيۈك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەتئىي بىتەرەپ تۇرمايمىز» دېدى.
تۈركىيەنىڭ چېگراسىغا يېقىن يەرلەردە ناھايىتى ئېغىر ئازاب ۋە تراگېدىيەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، سۇرىيەدە 4 يىلدىن بويان بالىلارنىڭ يېتىم ۋە ئىگە – چاقىسىز قالغانلىقىنى، ئىراقتىمۇ يەنە بالىلارنىڭ ئانىسىز، ئاتىسىز قالغانلىقىغا گۇۋاھ بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانپەرۋەر ياردەملەر مەسىلىسىدە پۈتۈن كۈچلىرىنى سەرپ قىلغانلىقلىرىنى بايان قىلغان ئەردوغان، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى، قىزىل ئاي جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر