جۇمھۇر رەئىس گۈل داۋۇتئوغلۇنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنى چانقايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

124202
جۇمھۇر رەئىس گۈل داۋۇتئوغلۇنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنى چانقايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.
ئۇچرىشىشتا، ئىراق، پەلەستىن ۋە سۇرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار بىلەن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە باشلىغان ئۇچرىشىش بىر يېرىم سائەتتەك داۋام قىلدى؛
ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلگە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئۇچرىشىشنىڭ تېمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن داۋۇتئوغلۇ، ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەۋىيەسىدە زىيارەتتە بولۇش تۈركىيەدىن ئۆزبېكىستانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر