جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

ئالى سايلام كومىتېتى، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ۋاقىتلىق نامزاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

121721
جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالى سايلام كومىتېتى، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ۋاقىتلىق نامزاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
رەسمىي گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سەھىپىسىدىكى ئالى سايلام كومىتېتى قارارىدا، بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامنىڭ 2014 - يىلى 10 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:
«بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازلىرى بەلگىلەنگەن چەككە يەتمىگەن تەقدىردە، 24 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقىتلىق نامزاتلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىدىلەردىن ئىبارەت: ئەكمەلەددىن مەھمەت ئېھسانئوغلۇ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سەلاھاتتىن دەمىرتاش.»
قاراردا، نامزاتلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر