تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم ئەۋەتىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي ئىراقتا پاناھلىنىۋاتقان تۈركمەنلەرگە ھەر تۈرلۈك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

98417
تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم ئەۋەتىلدى

مۇسۇلدىكى توقۇنۇشلاردىن قېچىپ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلار رايونىغا كەلگەن تۈركمەنلەرگە ياردەملەر يەتكۈزۈپ بېرىلدى.
دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ياردەملەرنىڭ رايونغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
رايوندىكى تۈركمەنلەرگە 15 مىڭ كىشىلىك يېمەك – ئىچمەك ۋە 250 چېدىر يوللاندى. قىزىل ئاي جەمئىيىتىمۇ 10 مىڭ ئەدىيال بىلەن 2 مىڭ كارىۋاتنى رايونغا يەتكۈزۈپ بەردى.
تۈركىيەدىن يوللانغان 2 مىڭ يۈرۈش ئاشخانا لازىمەتلىكلىرى بىلەن 217 مىڭ قۇتا دورىمۇ دوھۇكقا يەتكۈزۈلدى.
توقۇنۇشلار داۋام قىلىۋاتقان تەلافەر سىنجار رايونىدىكى ئەھۋالنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، شىمالىي ئىراقتىن 20 مىڭ كىشىلىك يېمەك – ئىچمەك بېسىلغان ياردەم ماشىنىلىرىنىڭ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ھەقىقىي تىرىشچانلىقنىڭ ئىراقنىڭ مۇقىملىقىنىڭ بالدۇرراق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى مەركەز قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان داۋۇتئوغلۇ، بۇ دائىرىدە ھەم باغداد ھەم باشقا ئەللەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر