ئىسكەندەرۇندا يەر تەۋرىدى
ئىسكەندەرۇن قولتۇقىدا 4.5 بال يەر تەۋرىدى
87550
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسكەندەرۇن قولتۇقىدا 4.5 بال يەر تەۋرىدى.
«جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى» تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسكەندەرۇن قولتۇقىدا ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 06.38 دە 4.5 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش، يەرنىڭ تېگىدىن تەخمىنەن 16 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن.