«بىز ئايرودۇرۇملا ئەمەس، غەلىبە مۇنارىمۇ تىكلەۋاتىمىز»

ئىستانبۇلغا سېلىنماقچى بولغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇملىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇلى تۈنۈگۈن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا سېلىندى.

86814
«بىز ئايرودۇرۇملا ئەمەس، غەلىبە مۇنارىمۇ تىكلەۋاتىمىز»

ئىستانبۇلغا سېلىنماقچى بولغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇملىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇلى تۈنۈگۈن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا سېلىندى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، ئۈچىنچى ئايرودۇرۇمنىڭ 150 مىليون يولۇچى توشۇش ئىقتىدارى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان، ئايرودۇرۇمنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 91 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم لايىھەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە «بىز بۇ يەردە يالغۇز ئايرودۇرۇملا ئەمەس، غەلىبە مۇنارىنى تىكلەۋاتىمىز» دېدى.
ئەردوغان، ئايرودۇرۇمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ 2017- يىلى 29- ئۆكتەبىردە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن 7 ھەسسە چوڭ بولىدىغان مەزكۇر ئايرودۇرۇم 150 مىليون يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئىستانبۇل جۇغراپىيەلىك ئورنى ئېتىبارى بىلەن كىرىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان يولۇچىلار ئەڭ كۆپ تاللايدىغان مەركەزگە ئايلىنىدۇ. 6 مۇستەقىل ئايروپىلان قونۇش يولى ۋە بىرلا ۋاقىتتا 500 ئايروپىلان توختاش سىغىمچانلىقىغا ئىگە بېكەت سۇپىسى بولىدىغان ئايرودۇرۇمدا بېكەتلەر ئارىسىدىكى قاتناش پويىز ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئىستانبۇلغا شىمالىي مەرمەرە تاش يولى ئارقىلىق باغلىنىدىغان ئايرودۇرۇمدىن شەھەر مەركىزىگە پويىز قاتنايدۇ.
2018- يىلى پۈتۈنلەي پۈتۈپ چىقىشى پىلانلىنىۋاتقان ئايرودۇرۇم ئەڭ كۆپ 63 مىليون يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە لوندون ھىيتروۋ ئايرودۇرۇمى بىلەن 45 مىليون يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان فرانكفورت ئايرودۇرۇمىغا رەقىپ بولىدۇ.
قۇرۇلۇش باسقۇچىدا 100 مىڭ ئىشچىنىڭ ئىشلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئايرودۇرۇمنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى 26 مىليارد ياۋرو بىلەن 5 شىركەتتىن تەشكىل تاپقان بىر بىرلەشمە شىركەت ئۈستىگە ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر