ئۈچىنچى ئايرودورۇمغا بۈگۈن ئۇل سىلىنىدۇ

ئۈچىنچى ئايرودورۇم «ياسا، ئىشلەت، ئۆتكۈزۈپ بەر» سىستېمىسى بويىچە ھۆددىگە بېرىلگەن بولۇپ، ئايرودورۇم پۈتكەندە يىلىغا 150 مىليون يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

85886
ئۈچىنچى ئايرودورۇمغا بۈگۈن ئۇل سىلىنىدۇ

ئۈچىنچى ئايرودورۇمغا بۈگۈن ئۇل سىلىنىدۇ.
ئىستانبۇلغا سېلىنماقچى بولغان ئۈچىنچى ئايرودورۇمغا دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن ئۇل سىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى ئايرودورۇم «ياسا، ئىشلەت، ئۆتكۈزۈپ بەر» سىستېمىسى بويىچە ھۆددىگە بېرىلگەن بولۇپ، ئايرودورۇم پۈتكەندە يىلىغا 150 مىليون يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.
يېڭى ئايرودورۇم پۈتكەندە 165 يولۇچىلار كۆۋرۈكىگە ئىگە بېكەتلەر ئوتتۇرىسىدا رېلىس يولى ئارقىلىق يولۇچى قاتنايدىغان 4 ئايرىم - ئايرىم بېكەت بىناسى بولىدۇ. 3 تېخنىكا بىناسى ۋە ئاۋىئاتسىيە كونتىرول سۇپىسى، 8 كونتىرول مۇنارى، ھەر تۈردىكى ئايروپىلان تۈرلىرىگە ماس كېلىدىغان 6 مۇستەقىل ئۇچۇش يولى، 16 تەكسى يولى، بىرلا ۋاقىتتا 500 ئايروپىلان توختاش سىغىمچانلىقىغا ئىگە بېكەت سۇپىسى بولىدۇ.
ئايرودورۇمنىڭ كۆلىمى جەمئىي 6 مىليون 500 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. قاتناش زالى، يۈك توشۇش ۋە ئومۇمي ئاۋىئاتسىيە بېكىتى، دۆلەت مېھمانخانىسى، تەخمىنەن 70 مىڭ ئاپتومۇبىل سىغىمچانلىقىغا ئىگە ئوچۇق ۋە يىپىق ئاپتومۇبىل توختىتىش سۇپىسى، ئاۋېئاتسىيە دوختۇرخانىسى، مېھمانخانىلار، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئامبارلاشتۇرۇش مەركەزلىرى، مەسجىد ۋە ئىبادەتخانىلار، قۇرۇلتاي زالى، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، تازىلاش ۋە ئەخلەتلەرنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش مۇئەسسەلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
ئۈچىنچى ئايرودورۇمغا جەمئىي 10 مىليارد 247 مىليون ياۋرو مەبلەغ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ۋە 2018 – يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى پىلانلانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر