ئابدۇللاھ گۈل تەلەپ قىلدى، ئەپىل ئورۇنلىدى

تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقىتتا دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشكەن ئەپىل شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تىم كۇك، ئابدۇللاھ گۈلگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلىدى.

ئابدۇللاھ گۈل تەلەپ قىلدى، ئەپىل ئورۇنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقىتتا دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشكەن ئەپىل شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تىم كۇك، ئابدۇللاھ گۈلگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلىدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل ئەپىلنىڭ باش دىرېكتورى تىم كۇك بىلەن بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركىتىدىن بەزى تەلەپلەردە بۇلۇنغان ئىدى. ئەپىل ئابدۇللاھ گۈلنىڭ F كونۇپكا تاختىسى تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئەپىل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغانلار F كونۇپكا تاختىسىنى تاللىيالايدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل ئەپىلدىن يەنە بىر تەلەپتە بۇلۇنغان ئىدى.
ئەپىل باش دىرېكتورى تىم كۇك، ئابدۇللاھ گۈلگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى ۋە WWDC ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، موبىل سىستېمىسى İOS8 نى تونۇتقاندا ئايفون بىلەن ئاپپەدنى ئاۋازلىق تونۇيدىغان تىل سانىغا 22 تىلنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ۋە بۇ تىللارنىڭ بىرىنىڭ تۈركچە بولغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر