ئابدۇللاھ گۈ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، ئوغلى مەھمەت ئەمرە گۈلنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ

74773
 ئابدۇللاھ گۈ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، ئوغلى مەھمەت ئەمرە گۈلنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، رەپىقىسى خەيرۇننىسا گۈل بىلەن بىرلىكتە ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل بىلەن رەپىقىسى خەيرۇننىسا گۈل ئەتە ئىستانبۇلدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بوستون شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، ئوغلى مەھمەت ئەمرە گۈل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا كونفېرانس بېرىدۇ.
زىيارىتى دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئابدۇللاھ گۈل، بوستون ۋە ئەتراپىدىكى تۈرك ئاكادېمىكلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
ئابدۇللاھ گۈل ۋە رەپىقىسى، 31 - ماي كۈنى زىيارىتىنى تاماملاپ تۈركىيەگە قايتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر