ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە يارىلانغان كىشى ۋاپات بولدى

غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېلىپ كېتىۋاتقان ماۋى مارمارا پاراخوتىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان سۇلايمان ئۇغۇر سۆيلەمەز، ئەنقەرەدە داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

72754
ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە يارىلانغان كىشى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە يارىلانغان كىشى ۋاپات بولدى.
غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېلىپ كېتىۋاتقان ماۋى مارمارا پاراخوتىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان سۇلايمان ئۇغۇر سۆيلەمەز، ئەنقەرەدە داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
51 ياشلىق سۆيلەمەز ئۇدا 4 يىلدىن بۇيان جىددىي داۋالىنىۋاتاتتى.
دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان سۆيلەمەز، بىر ئاي ئىلگىرى قايتىدىن بالنېسقا ئېلىنغانىدى. سۆيلەمەزنىڭ نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى تۈپەيلى 51 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2010 - يىلى 2 - ئاۋغۇست كۈنى ئاتاتۈرك تەربىيەلەش ۋە تەتقىق قىلىش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، سۆيلەمەزنى يوقلىغانىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈنۈگۈن كەچتە سۆيلەمەزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 2010 - يىلى مايدا غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ماۋى مارمارا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 9 كىشى قازا قىلغان، 30 كىشى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر