باش مىنىستىر ئەردوغان گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەپتە ئاخىرىدا گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

71836
باش مىنىستىر ئەردوغان گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەپتە ئاخىرىدا گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
باش مىنىستىر ئەردوغان، كۆلىن زىيارىتى ھارپىسىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، سومادىكى كان ۋەقەسى تۈپەيلى باش مىنىستىر ئەردوغاندىن يەنە بىر قېتىم ھال سورىدى.
ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن يەنە بىرى ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىدى.
ئەردوغان بىلەن مېركېل، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق ئەندىشىلىرىنى ئورتاقلاشتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باش مىنىستىر ئەردوغان گېرمانىيەدە تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان كۆلىندە تۈرك غۇربەتچىلەرگە خىتاب قىلىدىكەن. ئەردوغان ئەتە شەھەرنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك لانكېس تەنتەربىيە زالىدا قانچە ئون مىڭلىغان تۈركلەرگە خىتاب قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولۇپ، كۆلىن شەھىرى باش مىنىستىر ئەردوغاننى كۈتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر