تۈركىيە، لىۋىيەلىكلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت ترابلۇستا ئۆي جاھازلىرى ساتىدىغان ماگزىنلارغا گراد ناملىق بىر بومبا چۈشكەن.

70404
تۈركىيە، لىۋىيەلىكلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە بىنغازىدا باشلىنىپ ترابلۇسقا كېڭەيگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قايغۇرۇۋاتقان تۈركىيە، ۋەقەلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىنغازى ۋە ترابلۇستىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا تەرەپلەر سوغۇققان ۋە مۆتىدىل بولۇشقا چاقىرىلدى. باياناتتا، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت لىۋىيەدە پەۋقۇلئاددە پىداكارلىق كۆرسىتىشلەر نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابنىڭ ئۇتۇقلىرى مۇھاپىزەت قىلىنىپ، ئۆتۈش مۇساپىسىنىڭ مىللىي دىيالوگ ۋە يارىشىش ئېڭى ئاستىدا تولۇقلىنىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تىلىكى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، «ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ يولى بىلەن دېموكراتىك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىنىشى، ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىق ۋە ئامانلىقنىڭ تەسىس قىلىنىشى لىۋىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر