بىر تۈركۈم سۇرىيەلىك يارىدارلار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

62352
بىر تۈركۈم سۇرىيەلىك يارىدارلار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەنىڭ لازىقىييە شەھىرىگە قاراشلىق كەسەب بازىرى ۋە بايىربۇجاق تۈركمەن رايونلىرىدا ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق ئەسكەرلەر بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.
ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ رايونغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا يارىلانغان 15 ئادەم يايلاداغى چېگرا ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىندى.
يارىدارلار سەھىيە خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن خاتايدىكى ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر