ماراكەش سايلاملىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلام زەپىرى | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ماراكەش سايلاملىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلام زەپىرى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

592011
ماراكەش سايلاملىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلام زەپىرى | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ماراكەشتە 7 – ئۆكتەبىردە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمىنىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكى، مۇسۇلمان دېموكراتىك كىملىككە ئىگە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئاۋاز نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سايلامنىڭ بىرىنچى پارتىيەسى بولدى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سانىنى 125 كە يەتكۈزدى. بىرلەشمىنىڭ قالغان ئۈچ شېرىكىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. سايلاملار بەلگىلىمە نۇقتىسىدىن نىسبەتەن دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ئوچۇق – ئاشكارا  ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ سايلامدىكى ئاۋاز قاتناشتۇرۇش نىسبىتى ئالدىنقى سايلاملارغا سېلىشتۇرغاندا، %2 چېكىنىپ %43 گە چۈشۈپ قالدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسى ئەڭ زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، پارلامېنت ئەزاسى سانىنى 47 دىن 102 گە يەتكۈزدى. ئۆتمۈشتە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئىلياس ئەلئۆمەرى، پادىشاھنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى دوستى ئىدى. ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسى رەقىبلىرى تەرىپىدىن <ساراينىڭ پارتىيەسى> دەپ قارىلىدۇ. بۇ پارتىيە سايلام ئىستراتېگىيەسىنى پۈتۈنلەي ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە قارشى نۇقتىلارغا، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسىي خىتابلىرىنى لائىكلىق (سىكولارىزم ياكى ئىلمانىزم) – ئىسلاملاشتۇرۇش لىنىيەسى ئاساسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى مەركەزنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىشنى پىلانلىدى.

سايلام نەتىجىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە قارىشىمىز كېرەك بولغان نۇقتا، ئاۋاز قاتناشتۇرغۇچىلار ياكى بېلەت تاشلىغۇچىلار نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىدۇر. ھەتتا 5 مىليون بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلاش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرمىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە نوپۇسنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىرىلا بېلەت تاشلىغان بولدى.

بۇ نەتىجە، بىر تەرەپتە ماراكەشتىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھەر قايسى قاتلاملارنى سىياسىي مۇساپىگە ئىشتىراك قىلدۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايان قىلىپ بەرسە، ئىككىنچى بىر تەرەپتە، خەلقنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ سىياسەتچىلەرگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى، سايلاملارنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

يەنە كېلىپ، سايلاملار ئەرەب باھارىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئۈمىد بېغىشلىغان مۇساپىنىڭ قىسقا داۋاملاشقانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. 2011 – يىلىدىكى ئەرەب ئىسيانلىرى جەريانىدا ماراكەشتىمۇ نامايىشلار بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، پادىشاھ نامايىشلارنى ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ بېسىقتۇردى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بەزى سالاھىيەتلىرىنى پارلامېنتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، ھەرقانداق بىر پارلامېنت ئەزاسىنى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە تەيىنلەشنىڭ ئورنىغا باش مىنىستىرنى سايلامدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن پارتىيەنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپىسىدىن سايلاشنى قوبۇل قىلدى، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش سالاھىيىتىمۇ باش مىنىستىرغا بېرىلدى. لېكىن، بۇ ئۆزگىرىشلەر خەلق ئارىسىدىكى <مەۋجۇت ھەممە ئىشنىڭ پادىشاھ تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقى> تونۇشىنى ئۆزگەرتىشكە يەتمىدى. پارلامېنتتىن چىققان قارارلارنىڭ ئەسلىدە ساراينىڭ قارارى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تونۇش داۋام قىلدى. ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان كۆپ سانلىقنىڭ پارلامېنتنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇئەييەن مەسىلىلەردە دەتالاش قىلىشتىن ھالقىيالمايدىغان بىر ماكان ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانائىتى ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قالدى.

بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك شېرىكلىرى چېكىنىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئاۋاز نىسبىتىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرەلىدى؟

2011 – 2016 – يىللار ئارىسىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشچىلىقىدا ئابدۇلئىلاھ بەنقىران باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىككى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەندى. بۇ ھۆكۈمەتلەر ۋەدىلىرىنى دېگەندەك ئۇتۇقلۇق ئىجرا قىلالمىدى. %7 ئەتراپىدا بولۇشى تەخمىن قىلىنغان ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى %2 دىنمۇ تۆۋەن بولدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمەتلىرى ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان ئىقتىسادنى تەسەررۇپ قىلىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئىشسىزلىق بىلەن چىرىكلىك، قۇرۇلمىدىكى ساقىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇردى. لېكىن، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ چوڭ شېرىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئاۋاز نىسبىتىنى ئاشۇرغان بولسا، كىچىك شېرىكلىرىنىڭ ئاۋاز نىسبىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ھۆكۈمەتنىڭ زەئىپلىكى بىلەن ئىزاھلاش بىر ئاز قىيىن.

ئاۋاز نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن يۇقىرىقى ئىككى پارتىيەدىن باشقا ئاۋاز نىسبىتى چۈشۈپ كەتكەن ياكى سايلامدا كۈتكىنىگە ئېرىشەلمىگەن پارتىيەلەرنى ئىككى كاتېگورىيە بويىچە ئانالىز قىلىش مۇمكىن. ماراكەش سىياسىي سەھنىسىدە سولچىل ئىدىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئومۇمەن چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ سايلامدىن ئىلگىرى ئۈچ سىياسىي پارتىيە بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان، شۇنداقلا سايلامدىن ئىلگىرى تاراتقۇلاردا كەڭ ئورۇن ئالغان يېڭى دېموكراتىك سول فېدېراتسىيە پارتىيەسىمۇ ئاران 2 پارلامېنت ئەزاسى چىقىرالىدى.

ئىككىنچى كاتېگورىيەدە بولسا، ماراكەش سىياسىي سەھنىسىدە ئۇزۇندىن بۇيان ساراينىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان پارتىيەلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋاز نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئىككى ئامىل بىلەن ئىزاھلىشىمىز مۇمكىن: بىرىنچىسى، كونىراپ قالغان سېما ۋە يىراقنى كۆرۈلمەيدىغان ھالەتلىرى بىلەن بۇ پارتىيەلەرنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشى؛ ئىككىنچى ئامىل بولسا، ساراينىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى سىياسىي پارتىيەسى سۈپىتىدە ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسىنى تاللىغان بولۇشىدۇر. شۇڭا پادىشاھقا ساداقەت بېلەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمى ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسىگە تاشلانغان بولدى. لېكىن، ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسى سايلام مۇنبىرىنى ئاڭلىق ھالدا لائىكلىق – ئىسلامچىلىق لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق باشقا پارتىيەلەرنىڭ بىر قىسىم لائىك سايلىغۇچىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولدى. ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەتلىرىگە كىرگەن پارتىيەلەرنىڭ ئۈچى بۇ كاتېگورىيەدىكى پارتىيەلەر ھېسابلىنىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنىڭ تالونىنىڭ ئومۇمەن سىستېمىغا ئارتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. ئەرەب باھارى مۇساپىسىدە ساراي تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ كونا تۈزۈمگە گىرىم قىلىشتىن ھالقىيالمىغانلىقى قانائىتى سايلىغۇچىلارنى بىپەرۋالىققا ئىتتىرگەن يەنە بىر ئامىل بولدى.

بۇ سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى ۋە ئىگە بولغان ئورنىنى قانداق ئىزاھلاش كېرەك؟

ئالدى بىلەن ئەسكەرتىشىمىز كېرەك بولغان نۇقتا شۇكى، 18 ئورۇندۇقلۇق ئاۋاز نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ماراكەشتە سىياسىي ئىسلامنىڭ دۆلەتتە ئۆزىنى ئىپادىلىشى، دەپ باھا بېرىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدۇر. سايلىغۇچىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان بىر سايلامدا قولغا كەلتۈرۈلگەن %32 ئەتراپىدىكى ئاۋاز، ئومۇمىي سايلىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە %10 ىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، بۇ پارتىيەنىڭ مۇقىم بىر ئىجتىمائىي قاتلامغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى خەلقنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمى بىلەن ئۆزئارا جىسىپلاشقان بىر پارتىيە بولۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.

بۇ جەرياندا، باشقا مۇسۇلمان ئەللەردىمۇ دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان كۈچلەرنى مەركەزگە يىغقان بىر سىياسىي ئاكتىيور بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، سەزگۈر سىياسىي تەڭپۇڭلۇقلارنى داۋالغۇتىۋەتمەستىن كىچىك تىپتىكى ئىجتىمائىي قاتلاملارنى ساراي مەركەزلىك يېپىق سىياسەتكە قاتناشتۇرماقتا. 1998 – 2007 – يىللىرى ئارىسىدا دېموكراتىك سول ئېقىم ۋەكىللىك قىلغان فىرونت، ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. پادىشاھنىڭ پارتىيەسى، دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئەسلىيلىك ۋە زامانىۋىلىق پارتىيەسىنىڭ پۈتكۈل سايلام ئىستراتېگىيەسىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە قارشى نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشى، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ھەيران قالارلىقتۇر.

ماراكەشتە ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغان بولۇشىغا قارىماي، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن قاتلاملار سىياسىي كۈچنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. پادىشاھنىڭ تۈزۈم ئۈستىدىكى سالمىقى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىر ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئېغىز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان بىر ئەلرايى نەتىجىسى، خەلقنىڭ %82 ىنىڭ دۆلەتنى چىرىك قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يەنە كېلىپ، ماراكەشلىكلەرنىڭ %91 ى تونۇش – بىلىشسىز خىزمەت تېپىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر