ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى سەۋەبلەر...

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىم مىللىي ئىرادىگە قارشى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنغۇچىلارنى توسۇپ قالالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

543325
ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى سەۋەبلەر...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇ ھەپتە تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگۈنلەنگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىگە دائىر ئىككى نۇقتا ئۈستىدە توختىلىمىز. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ نېمىشقا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى، ئىككىنچىسى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۈركىيەدە خەلقنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە ئىگە چىقىشى ۋە غەربتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان قوش ئۆلچەم پوزىتسىيەسىدۇر.

*  *  *  *

تۈركىيە 15 – ئىيۇل كۈنى بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىگە شاھىت بولدى. 1970 – يىللاردىن تارتىپ دۆلەتنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ كۇيىغا كىرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى سىستېمىلىق ھالدا دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە باشلىدى. يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولغانلىقىغا ئىشەنگەن تەشكىلات بىرىنچى قېتىم 2012 – يىلى 7 – فېۋرالدا ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەدلىيە سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر تەپتىش خادىمى ساقچى ئىدارىلىرىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەنسۇپ ئادەملىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا مىللىي ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىدارىسى باشلىقىنى قولغا ئېلىشنىڭ پېيىغا چۈشتى؛ بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىنى باھانە قىلىپ ئۆز دەۋرىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئىدى.

ئارقىدىن 2013 – يىلى 17-25 – دېكابىر ھەرىكىتى يۈز بەردى؛ تۈرك خەلقىنىڭ ئېڭىغا دۆلەتتە چىرىكلىك ھادىسىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ، دېگەن تونۇشنى سىڭدۈرۈشقا بەل باغلىغان تەشكىلات، ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە ساقچى ئىدارىلىرىدىكى گۇماشتىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. مەقسىتى، بىر ئەدلىيە زەربىسى ئارقىلىق ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە خاتىمە بېرىش ئىدى. ئۇ ئورۇنۇشمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى سۇيىئېستىمال قىلىپمۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالمىغان خوراپى تەشكىلاتنىڭ دۆلەت  ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان قالدۇقلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن دۆلەت ھەرىكەتكە ئۆتتى. يۆنىلىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بارسا كەلمەس يول ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن تەشكىلات ئاقىۋەت سىستېمىنىڭ سىرتىغا چىقىشقا قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قېتىم ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش يولى ئارقىلىق دۆلەتنى قولغا كىرگۈزمەكچى بولدى. بۇ مەقسەتتە ئارمىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىۋالغان ئۇيقۇدىكى كۈچلەر ھەرىكەتكە ئۆتتى. 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھاكىمىيەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى. ئەمما، بۇ ئۇرۇنۇشمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگۈنلەندى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، 15 – ئىيۇلدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۈچۈن يولغا چىققان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم بولۇشى ئىدى. ئۇلار تۇتۇش قىلغان ھەرىكەت خەلقنىڭ قوللىشىدىن يىراق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا 2002 – يىلىدىن بۇيان ھەر قېتىملىق سايلامدا ئاۋاز نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر سىياسىي پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن  بىر جۇمھۇر رەئىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت سۈرگەن مەزگىلدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش نەتىجىسىدە كۈچەيگەن شۇنداقلا مىللىي ئىرادە سېپىدە تۇرغان كۈچلۈك ئوتتۇرا سىنىپمۇ ئۇلارغا قارشى چىقتى. بىر دەمنىڭ ئىچىدە مىليونلارچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى مەيدانلارنى تولدۇرۇپ، مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تۆت قېتىملىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇتۇقلۇق بولغان تۈركىيەدە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىكى يەنە بىر ئامىل، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا ھەرىكەتكە ئۆتكەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى گۇرۇپپىنىڭ ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئىدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار ئاساسلىقى دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان چەتكە باغلانغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەنسۇپلىرى ئىدى. ئۇلار ئارمىيەنىڭ نۇقتىلىق ئورۇنلىرىغىچە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بولۇشلىرىغا قارىماي، ئارمىيەنى كونترول قىلغۇدەك نوپۇزغا ئىگە ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ، ئامانلىق ساقلاش تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر قانىتى ھېسابلىنىدىغان ساقچىلارمۇ ئۇلارغا قارشى چىقتى.

*  *  *  *

تۈركىيەدە خەلقنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن مەيدانلارغا توپلىنىشى ۋە ئۆزىنى تانكىلارغا قارشى قالقان قىلىشى دېموكراتىيە تارىخىنىڭ سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىشى كېرەك بولغان بىر ئەھۋالدۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، غەربلىك ئانالىزچىلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ئىگە چىقىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەتنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسى مەركەزلىك ھەر خىل ئىغۋا ماھىيىتىدىكى سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتىمىز. ئۇلارنى، ناھايىتى روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرغان خەلق ئولتىماتومىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، «غەربلىك بولمىغان بىر مىللەتنىڭ مۇقەررەر دېموكراتىيە بوشلۇقى» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئەندىشىسىگە مۇپتىلا بولغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتماقتا، ئۇلارنىڭ گويا «نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، دېموكراتىيە سىنىقىدىن ئۆتەلمەيسىلەر» ئۇسلۇبىنىڭ تاشقى دۇنياسىغا ئەكس ئەتكەنلىكىگە شاھىت بولماقتىمىز.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن كۈنلەردىن بۇيان ھەربىي قاتلامنىڭ نوپۇز دائىرىسىنى تارايتىپ كېلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. 15 – ئىيۇلدا خەلق ئۆزى تاشلىغان بېلەتكە ئىگە بولۇش ۋە دېموكراتىيەنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن مەيدانلارغا توپلاندى. ھالبۇكى، غەرب مېدىياسىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى. بۇ شەكىلدە مىللىي ئىرادىسىگە ئىگە چىققان بىر خەلقنى گويا جىنايەت سادىر قىلغاندەك قىلىپ كۆرسەتتى. 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولمىغانلىقىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغاندەك ۋە ئالدىنقى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى مەدھىيلىگەندەك بىر خىل كۆرۈنۈش نامايەن قىلىشتى. كۆپىنچە غەرب مېدىياسىنىڭ قارىشىچە، ئۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەر گۇيا لائىكلىق (سىكولارىزم) نى ئاتالمىش دىنىي دۆلەت ئارزۇسىدىكىلەردىن قوغداپ قالغانىدى. 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن قايغۇرغاندىمۇ ئوخشاش لوگىكا بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقى كۆرۈلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى دىن دۆلىتى قۇرۇش ئىدى. ھالبۇكى ئەردوغان، 2013 – يىلىدىكى شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى لائىك تۈزۈم ئورنىتىشقا چاقىرغان بىر لىدېر ئىدى.

BBC ۋە İndependent كە ئوخشاش مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ تارقىتىشلىرى ئەردوغانغا قارشى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىغا ئايلاندى. ھەتتا BBC نىڭ بىر ئانالىزچىسى «ئەردوغاننىڭ ئۆلتۈرۈلەلمەسلىكىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ بىر خاتالىقى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جاسارەت قىلدى.

غەرب ئەمەلدارلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلارنىڭ پوزىتسىيەلىرىمۇ مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ پوزىتسىيەلىرىدىن پەرقسىز ئىدى. دېموكراتىيە دەرسى بەرگەن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىسمى يوق ئىدى. بار – يوق پۈتكۈل دەرتلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن دۆلەتنىڭ 250 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلاردىن قانداق ھېساب سورىدىغانلىقىغا مەركەزلەشتى. ئۇلارنىڭ سوئاللىرى ھۆكۈمەت ھەقىقىي گۇماندارلارنى جازالامدۇ ياكى ئالدىن تەييارلانغان تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئىزىغا چۈشەمدۇ؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت بولدى.

ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا ئۇنتۇپ قالغان بىر مەسىلىسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تېررورلۇق گۇماندارلىرىنىڭ كونكېرت ئەيىبلەش بولماي تۇرۇپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن قانۇنلارنىڭ بولۇشى ئىدى.

تۈركىيەدە خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىشى ‹غەربنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قوش ئۆلچەملىك سىياسەتلىرى، ئۆزلىرىدە بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان يۈكسەك ئەخلاقىي – پەزىلەتنىڭ ئەسلىدە ئالدامچى ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ قاراڭغۇ ۋەدىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى›دىن ئىبارەت ھەقىقەتنىمۇ نامايەن قىلىپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر