13.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
2220185
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇقىمسىز ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، كۆرۈشۈشتە، سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت ئىدارە-ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىلىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
«ستار گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدە پ ك ك|ي پ گ نى قوغداش ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلات دائېشنىڭ باھانە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ، «پ ك ك|ي پ گ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە پۇرسەت بەرمەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«ۋەتەن گېزىتى»، ئانتالياغا يېقىنقى 10 يىلدا 112 مىليون 722 مىڭ ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ساياھەتچىلەر ئىچىدە رۇسىيەلىكلەرنىڭ 36 مىليونلۇق سان بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ 25 مىليون 545 مىڭلىق سان بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ 7 مىليون 183 مىڭلىق سان بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: