29.11.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2215085
29.11.2024

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئومان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى: 

«لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى خۇشاللىنارلىق ئەھۋال، غەززەدىمىمۇ دائىمىي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلمىسە، رايوندا تىنچلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.»

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 72 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى يازدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %3.1 ئېشىپ، 23 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، ئىمپورتىنىڭ بولسا ئۆزگەرمەستىن 29 مىليارد 409 مىليون دوللار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹سىتار› گېزىتى»، «رامسا» مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رامازان گۈجۈكتۇرالىنىڭ ئۆزلىرى لايىھەلەپ ياساپ چىققان «TURAL» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى پاكىستاندا  ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن نىيەت كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنلىكىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

«تۇنجى كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، پۇل يوللاش ئىشلىرىمۇ تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە تاماملىنىدۇ. تەخمىنەن بىر يېرىم ئايدىن كېيىن  ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى مەھسۇلاتلارنى يوللاشنى باشلايمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ تۈركىيە مىللىي كوماندىسى 2025-يىلى 20-مارت پەيشەنبە كۈنى ۋېنگىرىيە كوماندىسى بىلەن جەڭگە چۈشىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىستانبۇل ئەلى سامى يەن تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر