13.11.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2209605
13.11.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان: <ئىسرائىلىيە غەززە ئۈچۈن ھېساب بېرىشى كېرەك> دېدى»  سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئىسرائىلىيە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋاننى نىشان قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ؛ كىشىلەرنى قەتل قىلىشنى، چوڭ قىرغىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئېغىر ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە مۇھىت ئاپىتىگە سەۋەب بولغانلار خەلقئارالىق سوتلاردا چوقۇم بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك.»

«ساباھ» گېزىتى، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ، 29 – نۆۋەتلىك دۇنيا رەھبەرلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سىجىل ئېنېرگىيەدىن ئۈنلۈك پايدىلىنىش نىشانلىدى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالپئارسلان بايراقتار تۈركىيەنىڭ سىجىل ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نىشانلىرىغا يېتىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«‹سىتار› گېزىتى»، تۈركىيەتاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك بەزى مەسئۇللارنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«ئىسرائىلىيەلىك بەزى مەسئۇللار ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بېسىۋېلىش ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە رەت قىلىمىز.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىقىنى توڭلىتىپ قويۇش ھەققىدە قىلغان مۇنۇ باياناتىنى نەقىل كەلتۈردى:

«نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ شايكىسى تاكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنغانغا قەدەر، خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى ئىجرا قىلغانغا قەدەر ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت ئەزالىقى توڭلىتىپ قويۇلۇشى كېرەك. دەرۋەقە، بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى، بىز بۇ كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورتى 15 مىليارد دوللاردىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ 10 ئېيىدا 15 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

 تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ 10 ئېيىدا 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 1.8 پىرسەنت ئېشىپ،  15 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر