12.11.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
«ھۆرىيەت گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن ئېمبارگو چاقىرىقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن رىياد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئورتاق يىغىنى» دا ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇلارنىڭ نىشانى غەززىگە ماكانلىشىش. بىز ئىسلام دۆلەتلىرى سۈپىتىدە ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھەممىدىن ئاۋۋال ئىسرائىلىيەگە قارىتا قورال ئېمبارگوسى قويۇش ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىنتايىن مۇھىم» دەپ چاقىرىقتا بولغانلىقىنى يازدى.
«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇداپىئە سانائىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
فىرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كەڭ دائىرىلىك دوكلات ئارقىلىق تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنى ئانالىز قىلدى. دوكلاتتا، «تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سانائىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنىكىلىق ئېكوسىستېمىلارنىڭ بىرى» دېيىلگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى خەرىتىدە كۆرسىتىلدى.
«ۋەتەن گېزىتى»، «<تۇساش> ۋە <بايكار> دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ 50 ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئاۋىئاتسىيە كەسپىگە يۈزلەنگەن خەلقئارالىق نەشرىيات ئورگىنى «فلايت گلوبال» نىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە «كاۋنتېرپوينت ماركېت ئىنتېللىجېنس» شىركىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن توپلامدا، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىدىن تۈرك ئاۋىئاتسىيە-ئالەم بوشلۇقى سانائىتى (تۇساش) ۋە <بايكار> شىركىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 50 ئاۋىئاتسىيە سانائەت شىركىتى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەنلىكىنى يازدى.
«ستار گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «ت ج گ ئادولۇ» كۆپ مەقسەتلىك ئامفىبىيە پاراخوتى بىلەن «ت ج گ دەريا» دېڭىزدا تەمىنلەش، ئۇرۇش ياردەم پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم «دېڭىزدا يېقىلغۇ ۋە قاتتىق يۈك بىلەن تەمىنلەش» خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ساباھ گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ سېربىيەگە قىلىۋاتقان ئېكسپورت سودىسى رېكورد ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ سېربىيەگە 1 مىليارد 471 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن يانۋار-ئۆكتەبىر ئايلىرى ئارىسىدا پۈتۈن مەزگىللەردىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت رېكورتىنى ياراتقانلىقىنى يازدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
05.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: