11.11.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
2208795
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 86-يىلىنىڭ، مەملىكەت مىقياسىدا خاتىرىلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئاتاتۈركنىڭ كۆزى يۇمۇلغان 10-نويابىر سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، دۈدۈك ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 86-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە چېگرالىرىمىزنى بويلاپ بەرپا قىلغان بىخەتەر رايوننىڭ كەم قالغان ھالقىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ چېگرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئۈزۈپ تاشلايمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، خاقان فىداننىڭ ئىسىرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئەۋەتىشنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ھەممىمىز بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىش ئۈچۈن، نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۆرسىتىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
05.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: