08.11.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
2208034
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «تۈركىيەگە ئوخشاش قىتئەنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان بىر نامزات دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش جەريانىنىڭ يىللاردىن بۇيان توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ھېچقانداق ئورۇنلۇق چۈشەندۈرۈشى يوق» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«يېڭى شەپەق» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ بايانات بېرىپ: «غەززەدە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىلىپ، قايتا قۇرۇش مۇساپىسى باشلانمىغۇچە ئىسرائىلىيە بىلەن سودا قىلماسلىق قارارىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ماي ئېيىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەگە ئېكسپورت-ئىمپورتنىڭ نۆلگە چۈشكەنلىكى»نى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«خابەرتۈرك» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ 1-نويابىر ھەپتىسىدە ئالدىنقى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا 221 مىليون دوللار ئېشىپ، 159 مىليارد 619 مىليون دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى يازدى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن، مەركىزىي بانكا زاپىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچىنچى قېتىم رېكورت ياراتقان.
«ستار» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىرنىڭ بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ پولات گۈمبەز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ، يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت سالىدىغان پىلانلارغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ۋەتەن» گېزىتى، تۈركىيەنىڭ يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى توگگ T10x نىڭ «ئايدەر» رەڭلىك يېڭى مودىلىنى رىزە شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىدە كۆرگەزمىگە قويغانلىقىنى يازدى؛ خەۋەردە، توگگنىڭ تېخنولوگىيەسى ۋە رەڭگى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
05.12.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: