30.10.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
2204136
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۈررىيەت» گېزىتى، 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت (دۆلەت) بايرىمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قىزغىن تەبرىكلەنگەنلىكىنى، ئەنقەرەدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تۇنجى نۇقتىسىنىڭ ئانىتقابىر (ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى) بولغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا رەڭدار ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ نامايان بولغانلىقىنى يازدى.
«ساباھ» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ئانىتقابىر ئالاھىدە خاتىرە دەپتىرىگە: «رايونىمىزدا چېگرالار 100 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش قان ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن سىزىلماقچى بولۇنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ۋەتەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىمىز» دەپ يازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«يېڭى شەپەق» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «T625 كۆكبەي تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى»دىكى سۆزىدە شىركەتكە قارىتىلغان قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ خل قەبىھ ھۇجۇملار بىزنىڭ تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى ھەرگىزمۇ بوشاشتۇرالمايدۇ، توختىالمايدۇ، بىزنى يولىمىزدىن ياندۇرالمايدۇ... خائىنلارغا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەيمىز، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.
«خابەرتۈرك» گېزىتى، ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان پلانونىڭ شەھەر باشلىقى جون مۇنسنىڭ 29-ئۆكتەبىرنى شەھەردە «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىمى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ستار» گېزىتى، تۈركىيە ئاۋىياتسىيەسى ئۈچۈن مۇھىم باسقۇچلاردىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ۋە ئېچىلغىنىغا 6 يىل بولغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ بۈگۈنگىچە 317 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىنى كۈتۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01.11.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
31.10.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: