01.10.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
«ساباھ گېزىتى»، «ئەردوغان: <زۆرۈر تېپىلغاندا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى كۈچ ئىشلىتىشى كېرەك> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى «زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلىتىشى كېرەك» دېگەن چاقىرىقىنى ئېلان قىلدى. ئەردوغان بىر ئۇچۇم رادىكال زىئونىستلارنىڭ رايوننى ئوتقا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«ھۆرىيەت گېزىتى»، «ئەردوغان: <تۈركىيە مەزلۇملارنىڭ ساداسىغا ئايلاندى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت، ھوقۇق ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق ئېزىلگۈچىلەرنىڭ دۇنيا مۇنبىرىدىكى ساداسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.
«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «قۇرتۇلمۇش: <ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانى پەقەت غەززەلا ئەمەس> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئاخىرقى نىشانىدىن بىرى تۈركىيەدۇر» دېگەنلىكىنى يازدى.
«ستار گېزىتى»، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۈزەتكۈچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەرىتىچىلىك ساھەسىدە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن يىغىلغانلىقىنى ۋە «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» گە ئوخشاش، «ئورتاق تۈرك دۇنياسى خەرىتىسى» ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ۋەتەن گېزىتى»، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا فېستىۋالى بولغان <تېكنوفېست> نىڭ 2 - ئۆكتەبىردىن 6 - ئۆكتەبىرگىچە ئادانادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، <تېكنوفېست> مۇسابىقىسى بىلەن ياشلارنىڭ دۆلەتنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03.10.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: