04.09.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2183043
04.09.2024

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «244 نەپەر قەھرىمان تۈرك ئامېرىكاغا ئۈلگە بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلىغان دوكلاتتا كورېيە ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان 244 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرى ياراتقان ئوبرازنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيەسىنى باشتىن ئاخىر پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئەسىرگە چۈشۈپ قىلىش، ئۇرۇش قىلىش، ھايات قېلىش، قېچىش، قۇتۇلۇش ۋە سوئال سوراققا تاقابىل تۇرۇش مەشىقلىرى» نى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ئۈلگە قىلىپ تۇزۇپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) نىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MOSSAD) نىڭ پۇل تورىنى باشقۇرىدىغان كوسوۋا پۇقراسى لىرىدون رېكسپىنىڭ ئىستانبۇلدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، «169 دۆلەتكە تۈركىيە لىراسى بىلەن ئېكسپورت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە لىراسى بىلەن قىلىنغان تاشقى سودىنىڭ بۇ يىل 8 ئاي ئىچىدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا%44 ئېشىپ، 708 مىليارد 310 مىليون لىراغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، كونيانىڭ ھۇيۇك رايونىدا يېتىشىدىغان «ھۇيۇك بۆلجۈرگىنى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە لەۋھەسىگە ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداق قىلىپ، تۈركىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە لەۋھەسىگە ئېرىشكەن مەھسۇلات سانىنىڭ 25 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «ۋاقىف بانكىسى 3 - قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

<CEV> ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 6 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ۋاقىف بانكىسى كوماندىسى ياۋروپا كۇلۇبلىرى دەرىجىلىك ئەڭ مۇھىم پائالىيەتنى ئەڭ كۆپ قولغا كەلتۈرگەن كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن 3 - قېتىم جىننېس دۇنيا رېكورتى تىزىملىكىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر