10.07.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2161355
10.07.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدىغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ۋەزىپە ۋە مەشغۇلاتلىرىغا ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشۇۋاتقان ئالدىنقى 5 ئىتتىپاقداشنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز يۈكنى ئورتاقلىشىش پىرىنسىپى دائىرىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ ئادا قىلىۋاتىمىز. بىز نۆۋەتتە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا قىسىملىرى ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرغان ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرىمىز بىلەن ناتونىڭ تايانچ دۆلەتلىرىنىڭ بىرىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ناتو دۆلەت ۋە باشلىقلار يىغىنىدا، ئورتاق مەنىۋى قىممەتلەر سەمىمىيلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتۈۋاتقان غەززەدە پەلەستىن خەلقىگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئاملارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى فاتىھ كاجىرنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى «6-تۈركسات» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ ئۆز يولىدا ئىكەنلىكىنى  ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، خىتاي «BYD» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خىتاي شىركىتىنىڭ 1 مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن 150 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە زاۋۇت قۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، 5 مىڭ كىشىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلىدىكەن. شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنى تاللىشى، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنغان.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر