03.10.2023
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 7-نۆۋەتلىك تۈركىيە سەرمايە بازارلىرى كونگرەسىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېلېگراممىسىدا، «يېقىنقى 21 يىلدا خەلقئارادىن جەمئىي 255 مىليارد دوللار مەبلەغ جەلپ قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كەلگۈسىدىكى يىللاردا سەرمايە بازارلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە ئومۇملىشىشىغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە تايانغان مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراكتارنىڭ ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ نېفىت ئاققۇزۇشقا تەييار ھالغا كەلگەنلىكىنى ۋە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە خىزمەت باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ستار گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا سودا ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ 220 قاتار شىركىتىنىڭ تۈركىيەدە مۇھىم لايىھەلەرگە مەبلەغ سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قاتارنىڭ تۈركىيەدىكى مەبلىغى 20 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي توكلۇق ئاپتوموبىلى توگنى سېتىش ئىشلىرىدا ئېشىش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، سېنتەبىر ئېيى (2023) دا 2 مىڭ 204 دانە «T10X» تىپلىق توگ ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىۋالغۇچىلارغا تاپشۇرۇلغانلىقى، ماي ئېيىدىن تارتىپ ھازىرغىچە سېتىۋالغۇچىلارغا تاپشۇرۇلغان ئاپتوموبىل سانىنىڭ 5 مىڭ 604 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

01.12.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: