02.10.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2044867
02.10.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، تۈركىيە  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (1-ئۆكتەبىر) پايتەخت ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە بەرگەن مۇنۇ باياناتىنى نەقىل كەلتۈردى: «پۇقرالارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ئەخمەقلەر مەقسىتىگە يېتەلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز يېتەلمەيدۇ. تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلغان ئىككى قاتىل بىر تەرەپ قىلىندى. ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى تېررورچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىپىرلاشلىرىدۇر.»

«‹ستار› گېزىتى»، «پۈتكۈل دۇنيا تۈركىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىۋېتسىيە، ئىتالىيە، مىسىر، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە كوسوۋۇ تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە تۈركىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى. تۈركىيەدىكى چەت ئەل ئەلچىخابا-كونسۇلخانىلارمۇ تۈركىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 20 نىشاننىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، نۇرغۇن تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىش يىلى ئېچىلىش يىغىنىدا، يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ۋەزىپىمىز يېڭى ۋە پۇقرالار ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشتۇر. بارلىق پارتىيەلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى يېڭى ئاساسىي قانۇن چىقىرىش پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشىشقا چاقىرىمىز.»

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە شىۋېتسىيەنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز تېررورىزم مەسىلىسىدە شىۋېتسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىۋېتسىيە  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە ئەنقەرەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.»

شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرى جەۋدەت يىلمازنىڭ بۇ باياناتىنى «تۈركىيە شىۋېتسىيەنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر