29.09.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان بەزى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2043883
29.09.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ تۈنۈگۈن (28-سېنتەبىر) ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا «تۈركىيەنىڭ قىبرىستا، ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدا ئىشغالىيەتچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى ئاۋام پالاتاسى باشلىقى ئاننىتا دېمېترىئونىڭ سۆزىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قۇرتۇلمۇش جاۋاب قايتۇرۇپ: «قىبرىستىكى ئىشغالىيەتچى تۈركىيە ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەتچى 1960-يىلى قۇرۇلغان قانۇنلۇق قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتكە تاجاۋۇز قىلغان رۇم تەرىپىدۇر» دېگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، يانۋار ئېيىدىن بۇيان 80 نەپىرى ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە بولۇپ، جەمئىي 1351 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 694 كە يەتكەن.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيەدىن مولداۋىيەگە كۈنىگە ئىككى مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ستار» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن رۇسىيەلىك ژۇرنالىست مىخائىل گۇسماننىڭ: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناھايىتى كۈچلۈك شەخس ۋە كۈچلۈك رەھبەر بولۇپ، ئۇ تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى رولىنى شۇنچىلىك يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزدىكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى تۈركىيە بولماي تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە سەھىپىلىرىدىن ئورۇن بەردى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەلقئارا ئالىي مائارىپنى باھالاش ئورگىنى «THE»نىڭ 2024- يىللىق دۇنيا ئۇنىۋېرسىتىتلىرى تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى 400 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچىگە تۈركىيەدىن ئۈچ ئۇنېۋېرسىتېتنىڭ، ئالدىنقى 1000 نىڭ ئىچىگە 11 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كىرگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەدىن جەمئىي 75 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، تۈركىيە بويىچە ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتى تىزىملىككە كىرگەن يەتتىنچى دۆلەتكە ئايلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر