18.09.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان بەزى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتىنىڭ: «ئەردوغان: بىز قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلمايمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە تۈرك – ئامېرىكان دۆلەتلىك يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتتە سۆز قىلىپ: «دۇنيا مىقياسىدىكى ئىككى مىليارد مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس كىتابىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى تونى ئاستىدا يوللۇقلاشتۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن.
«ساباھ» گېزىتى: «ئەردوغاننىڭ ئېلون ماسكتىن قىلغان تەلىپى دۇنيادىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى تۈركئۆيىدە تېسلانىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك بىلەن كۆرۈشكەندە، ماسكنى تېسلانىڭ 7- زاۋۇتىنى تۈركىيەگە قۇرۇشقا چاقىرغانلىقى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئەردوغاننىڭ ماسكقا قىلغان چاقىرىقىنى باش تېما قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.
«ۋەتەن» گېزىتى: «ئەردوغان ئېلون ماسكنى تېكنوفېستقا تەكلىپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالەم قاتنىشى شىركىتى — SpaceX نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەدىكى پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار ھەققىدە توختالغانلىقىنى يازدى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان ماسكنى 2023- يىلى 27- سېنتەبىردىن 10- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ئىزمىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالەم، ئاۋىياتسىيە ۋە پەن - تېخنىكا بايرىمى — تېكنوفېستقا تەكلىپ قىلغان.
«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدىكى تەمىنلىگۈچى دۆلەتكە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ تۈرك ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتى — (TUSAŞ)نىڭ گۆكبەي تىك ئۇچار ئايروپىلانى، ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانى، ھۈرجەت ئايروپىلانى، ھۈرقۇش يېنىك تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلانى، ئانقا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە مىللىي جەڭ ئايروپىلانى — قائان (قاغان) نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە تەمىنلىگۈچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.
«ستار» گېزىتىنىڭ: «ئامېرىكا: تۈركىيە بىلەن بولغان سودىدا زور پۇرسەت بار، دەپ قارايمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا يەر شارى بازارلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ئارۇن ۋېنكاتاراماننىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى ئۈچۈن زور پۇرسەت بارلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سودىدا 100 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يېتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

03.10.2023
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: