01.06.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1993834
01.06.2023

«‹سىتار› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «14-ماي ۋە 28-مايدىكى سايلامنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەنلىكىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېلېفون سۆھبىتىدە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش نىيەتلىرىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى  ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە،  پېسكوۋنىڭ يىغىننىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنىڭ تېخى قارار قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇنداق كېلىشىم بار، مەن بۇ ئۇچرىشىشىقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتالايمەن» دېگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە  تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ  بىرىنچى پەسىلدە %4 ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل كارائىسمايلوغلۇنىڭ 2018-يىلى 29-ئۆكتەبىردە ئېشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىستانبۇل ئايرودورومىدا بۈگۈنگە قەدەر 1 مىليون 417 مىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچقانلىقىنى ۋە 205 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ سەپەر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە تۈنۈگۈن لەڭگەر تاشلىغان ئىككى ساياھەت پاراخوتى بىلەن 1982 ساياھەتچىىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ساياھەتچىلەردىن بەزىلىرى دېڭىزدا ئۈزگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ بازارغا بېرىپ مال سېتىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر