31.05.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1993270
31.05.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:«‹سىتار› گېزىتى»: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 79 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى: «ئەتراپىمىزدىكى كرىزىسلارنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، رايونىمىزدا قايتىدىن تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئومۇملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»: تۈركىيەنىڭ شەرقىي قارادېڭىز رايونىدىن 4 ئاي ئىچىدە سالمون بېلىقى ئېكسپورتىنىڭ ،% 227 ئېشىپ، 28 مىليون 479 مىڭ 226 دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»: تۈركىيە قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى  ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى باشلانغان مىللىي پويىزى قاتنىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 3-پويىز لىنىيەسى سىنىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق  دېگەنلىكىنى يازدى: «3-پويىز لىنىيەسىنىڭ بۇ يىلنىڭ 3-چارىكىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا.»

«‹يېڭى شەپەق › گېزىتى»: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ  2023-يىلدىكى خەلقئارالىق داڭلىق ماركا باھالاش ئورگىنى Brand Finance نىڭ «يەرشارىۋى ئەڭ كۈچلۈك ئاۋىياتسىيە ماركىلىرى» تەتقىقاتىدا 88.1 نومۇر بىلەن 8-رەتكە تىزىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»: تۈركىيە سپور توتو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ئەنقەرە كۈچى كوماندىسىنى 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 2 ھەپتە قالغاندا چېمپىيون بولغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 23 – قېتىم چېمپىيون بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر