25.05.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1990671
25.05.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلانغان سۈرىيەلىكلەرنى بىخەتەر ھالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 1 مىليون مۇساپىر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان تۇرالغۇلارنىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا سۈرىيەدە توققۇز ئايرىم رايوندا 1 مىليون كىشى ياشايدىغان 240 مىڭ تۇرالغۇنىڭ دەسلەپكى قىسمىغا ئۇل قويۇش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇنىڭ جەرابلۇستىكى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «554 مىڭ سۈرىيەلىك ئىختىيارىي ھالدا قايتتى» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ تۈركىيەدە ياسالغان دېڭىز ئاپپاراتى-سىدا (SİDA)  نىڭ ماۋى ۋەتەننىڭ يېڭى كۈچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىسمائىل دەمىرنىڭ ناتونىڭ مانېۋىرلىرىدا دىققەتنى جەلپ قىلغان سىدانىڭ سۇ ئۈستىدە ۋە سۇ ئاستىدا  ھۇجۇم قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «SL Press» گېزىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ بارلىق ساھەلەردە تەسىرگە ئىگە چوڭ كۈچكە ئايلانغانلىقى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا، بالقان رايونى ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇھىم سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، ئاپتوموبىل سانائىتىدە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقى، كېمىسازلىق سانائىتى ۋە رېمونتچىلىقتا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 دۆلەتنىڭ بىرسىگە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ شەرقىي قارادېڭىزدا تېخىمۇ كۆپ نېفىت زاپىسى بارلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 2023-يىلى ئاخىرلاشماستىن ئوردۇ ۋە رىزە ۋىلايەتلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت چارلاش ئىشلىرىنىڭ قىلنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر