24.05.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1990028
24.05.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  «‹يېڭى شەپەق › گېزىتى»: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا 19 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق  دېگەنلىكىنى يازدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. تېررورىزمنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتىمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»: تۈركىيەدىن 18 دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى شىركىتىنىڭ يېڭى ھەمكارلىق ۋە ئېكسپورت پۇرسەتلىرى ئۈچۈن مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن لاڭكاۋى خەلقئارا دېڭىزچىلىق ۋە ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسى (LIMA 2023) گە قاتناشقانلىقىىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»: تۈنۈگۈن «ئاستورىيە گراندې» ناملىق ساياھەت پاراخوتى بىلەن يەنە 614 رۇسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ بارتىننىڭ ئاماسرا پورتىغا كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن، 10 ئاي ئىچىدە ساياھەت پاراخوتى بىلەن ئاماسرانى زىيارەت قىلغان رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 17305 كە يەتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»: تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان ئەڭ يىراق مۇساپىلىك تۇنجى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى — «تايفۇن» نىڭ رىزە ۋىلايىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق سىناق قويۇپ بېرىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»: بۇ يىل تۈركىيەنىڭ چاي ئېكىسپورتىنىڭ يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا   % 39 ئېشىپ، 11 مىليون 365 مىڭ 591 دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بېلگىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ كۆپ چات ئېكىسپورت قىلىنغان 3 دۆلەت بولغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر