17.05.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1987386
17.05.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  «‹ۋەتەن› گېزىتى»: تۈركىيەدە 28 – ماي كۈنى 13 – جۇمھۇر رەئىسنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، سايلامدا ئەردوغان بىلەن قىلىچدارئوغلۇنىڭ رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، نۇرغۇن خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىتلەرنىڭ  «2023 – يىلقى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم سايلام» دەپ ئاتالغان بۇ سايلامغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆرۈرمەنلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىنى يازدى.

«‹سىتار› گېزىتى»: «پۈتكۈل دۇنيادا تۈركىيەدە 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرىنىڭ تەسىرى داۋاملاشماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«‹Washington Post› گېزىتى» «تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام ھارپىسىدا ئەردوغان ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى. «‹Financial Times› گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنداق ئورتاقلاشتى: «ئەردوغان ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا.»  گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Spiegel›» ژۇرنىلى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى : «راي سىناش نەتىجىلىرى خاتا چىقتى. ئەردوغان ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.» ساھەسىسدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»: تۈركىيە ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ تۈركىيەدە 28 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق جۇمھۇر رەئىس سايلىمى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا،  ئاۋىستىرالىيە، ئېرىلاندىيە ۋە ئەنگىلىيەدە ئىككى كۈن بولغان بېلەت تاشلاش مۇددىتىنى تۆت كۈنگە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى سايلىغۇچىلار 20-مايدىن 24-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا بېلەت تاشلىيالايدىكەن.

«‹يېڭى شەپەق › گېزىتى»: «ئەردوغان: <ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي داۋاملىشىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىرناق ۋىلايىتىنىڭ بەستلەر - دەرەلەر رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى. ئەردوغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە گۇماشتىلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر قەتئىي داۋاملىشىدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»: «چاناققەلئەدە  يوقاپ كەتكەن شېھىتگاھلىق تېپىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

  چاناققەلئە ئونسىەككىز مارت ئۇنىۋېرسىتىتى ئاتاتۈرك ۋە چاناققەلئە  ئۇرۇشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور بارىش بورلات بىلەن ھەربىي تارىخ پەنلىرى مۇتەخەسسىسى ئۆمەر ئارسلان 1000 ئارخىپ ھۆججىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئارىدىن 108 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جونكبايىرى ئۇرۇشىدا يوقاپ كەتكەن شېھىتگاھلىقنى تاپتى. ئارسلان بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە شېھىتلىرىمىزگە ئائىت نۇرغۇن باش سۆڭەكلىرى، سۆڭەك پارچىلىرى ۋە قەبرىستانلىق شەكلىدىكى تاش دۆۋىلىرىنى كۆردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر