04.05.2023

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1982488
04.05.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ترابزوندا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى زىگانا تونېلى ئېچىلىش مۇراسىمى» دا مۇھىم سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «بۇ تونېل ئارقىلىق قارا دېڭىزنى شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇغا، ئۇ يەردىن ئىران بىلەن ئوتتۇرا شەرققە، يەنى تارىخىي يىپەك يولىغا تۇتاشتۇرىمىز. زىگانا تېغىدىن ئۆتكىلى بولمايدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتكەن بۇ تونېل، رايونىمىزنىڭ ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتىنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئورمان باش ئىدارىسىغا سەپلەپ بېرىلگەن تۈركىيەدە ياسالغان «T70» تىك ئۇچارىغا «نەفەس»، چارلاش ئايروپىلانىغا «ئوتاغ» ئىسمىنى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تۈركىيە، ئىران، رۇسىيە ۋە سۈرىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى يىغىننىڭ 10-ماي موسكۋادا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇملكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، سانائەت تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بىلەن ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سزىجارتونىڭ، تۈركىيە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياسىغان توگ ئاپتوموبىلىدا قىسقا ساياھەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سزىجارتونىڭ، «تۈركىيە بۇندىن كېيىن خەلقئارا ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىغا ئايلاندى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ 2022-2023-يىللىق فىندىق ئېكسپورت پەسلىنىڭ سەككىز ئايلىق مەزگىلدە 1.3 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر