26.04.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1979446
26.04.2023

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  «خەۋەر تۈرك» گېزىتى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۆلەتكە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە،  يەر تەۋرەش رايونىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك 55 مىڭ كىشىنىڭ دۆلەتلىك پىداكارلىق ئالىي مېدالى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە-ئىران تۆت تەرەپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ساھەسىدە تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەر، ھەمدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ئۆز يۇرت - ماكانلىرىغا قايتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

«سىتار» گېزىتى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە «HÜRJET» ناملىق ئايروپىلان ھەققىدە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، «يەرلىك ۋە مىللىي تۇنجى ئۇچقۇچىلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان رېئاكتىپ ئايروپىلانىمىز <Hürjet> تۇنجى ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن، بۇ ئايروپىلان تۈركىيەنىڭ يېڭى پارلاق يۈز يىلىغا ھەدىيە بولسۇن!»  دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «بۇ يىل يازدا ياۋروپالىقلار تۈركىيەگە سەلدەك ئاقىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 

ياز پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تۈركىيەگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتتى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ تۈركىيەنى، تۈركىيەدە بولسا ئانتاليا رايونىنى تاللىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىللىق، دېڭىز ساھىللىرىنىڭ ئۇزۇن، ھاۋاسىنىڭ ساپ، تازىلىق تەدبىرلىرىنىڭ ياخشى ۋە ياۋروپاغا يېقىن بولۇشى ئىكەن.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ مارت ئېيىدا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1263 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن لوندون خىتروۋ ئايرودۇرۇمىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ،  ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇمغا ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر