24.03.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋەتەن» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 – فېۋرال يۈز بېرىپ، 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم 17902 يۈرۈش ئۆينىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بارلىق بىنالىرىمىزنى قايتىدىن سېلىپ، شەھەرلىرىمىزنى يېڭىدىن قۇرۇپ گۈللەندۈرۈپ، قەدەممۇقەدەم تۈركىيە ئەسىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەيمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «ئەسىرنىڭ ئاپىتى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن نامايان قىلىنغان ھەمكارلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە، «بىز بىرلىكتە تۈركىيەمىز» دېگەن شوئار ئاستىدا «بۇ ئەسىرنىڭ ھەمكارلىق سەپەرۋەرلىكى» پائالىيىتىنى باشلىغانلىقىنى يازدى.
«ساباھ» گېزىتى: يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياسىلىپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان «ئالتاي تانكىسى»نىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ 23- ئاپرېل تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سىناق قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
«ستار» گېزىتى: تۈركىيە ساغلاملىق ساياھەتچىلىكى جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى رەئىسى تەۋفىق يازاننىڭ بايانات بېرىپ، ساغلاملىق ساياھەتچىلىكى ساھەسىنىڭ 2023 – يىلىدىكى كىرىم نىسبىتى ۋە بىمار سانىدا %25-30 ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.
«ھۆررىيەت» گېزىتى: ياۋروپا ھاۋا يولى بىخەتەرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 2 – ئايلىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇمغا ئايلانغانلىقىنى يازدى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل قارائسمائىلئوغلۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «فېۋرال ئېيىدا ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 35 مىڭ 569 نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ساھىبخانلىق قىلدى، 5 مىليون 136 مىڭ 413 يولۇچى توشىدى. ياۋروپانىڭ بىرىنچىسى بولغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ئەۋزەل مۇلازىمەت سۈپىتى بىلەن مىليونلىغان يولۇچىمىزنى كۈتۈۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

29.05.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: